راي سىناش نەتىجىسى: ئامېرىكا خەلقى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ

ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىدىن "100 كىشىلىك كومىتېتى" نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، " نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋە ئاسىيالىقلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن. ئۇلارنى ئامېرىكىغا قارىغاندا خىتايغا ياكى ئاتا بوۋىسىنىڭ دۆلىتىگە ساداقەتمەن، دەپ قارايدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.04.24

راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇ قاراشتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ نىسبىتى ئاز كەم 45% ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەربىي ياكى ئىقتىسادى مەسىلىلەر سەۋەبى توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنى خىتايغا يان باسىدۇ، دەپ قارىغان.
 
لېكىن، راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ 4 تىن 3 قىسىمى ئامېرىكىغا يان باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە 3 تىن 2 قىسىم ئامېرىكا پۇقراسى خىتاينىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكرىدە يېقىنقى 9 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.

2001 - يىلدىكى راي سىناشتا پۇقرالارنىڭ 3 تىن 2 قىسىمى خىتايدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ يىلقى راي سىناشتا خىتاي ۋە ئاسىيالىقلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ نىسبىتى 37% ئەتراپىدا ئىدى. لېكىن بۇ يىلقى راي سىناشتا خىتاي مىھاجىرلىرىنىڭ ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.