ئامېرىكىلىق سىياسىيون سارا پالىن شەنبە كۈنى ھىندىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسىيون سارا پالىن شەنبە كۈنى، ھىندىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«تەيۋەن ۋاقىت گېزىتى» دە خەۋەر قىلىشىچە، سارا پالىن بۇ سۆزلەرنى يېڭى دېھلىدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بىر-بىرىمىزگە ئېھتىياجلىقمىز. بولۇپمۇ بۇ باشقا رايونلار بارغانچە كۆتۈرۈلۈۋاتقان پەيتلەردە تېخىمۇ شۇنداق.

سارا پالىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئاچمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: بىز دۇنيادا تىنچلىقنى خالايمىز، دېدى.

ئۇ، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ: ئۇلارنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى نېمە ئۈچۈن؟ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى پەقەتلا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن دېسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. دېگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا سارا پالىنىڭ نۇتقى ھىندىستان تېلېۋىزىيىسىدە نەق مەيدانى خەۋەر قىلىنغان.

سارا پالنى ئەسلى ئالياسكا شتاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2008-يىلى جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتى جون مېككېيىن بىلەن بىللە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا چۈشكەن.

ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارىسىدا نام چىقارغان سىياسىيونلارنىڭ بىرى.