ئاپەتكە ئۇچرىغان تىبەت خەلقى ئەمدى قەھرىتان قىشنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا

ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ يەر بىلەن بىر بوپكەتكەن يۈشۇ رايونىدىكى تىبەتلەر ئەمدى قارا قىشنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. دېڭىزدىن 4000 مېتىر ئىگىزلىكتە بولغان يۈشۇدا پەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن قاتتىق قار يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قار شەنبە كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.22

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇقتىمۇ نېپىز چېدىرلارنىڭ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولۇپ، قار سەۋەبىدىن قاتناشلار توسۇلۇپ كەتكەنلىكتىن كىشىلەر ئوزۇق - تۈلۈككىمۇ ۋاقتىدا ئېرىشەلمىگەن.

رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان تىبەت خەلقى جېنىنىڭ دەردى بىلەن قالغاندا خىتاي دائىرىلىرى مۇقىملىقىنى تەكىتلەپ چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى ۋاقتىدا ئاپەت رايونىغا يەتكۈزەلمەسلىكى شۇنداقلا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە چەتئەللەرنىڭ ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلىش تەلىپىگە جاۋاب بەرمەي تۇرۇۋېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى "خەلقئارا جەمئىيەت ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى" دەپ خەۋەر قىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پېڭ چېنمىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاپەت بولغان دەسلەپكى كۈنلەردە قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش، تارقىتىش، تەقسىملەش خىزمەتلىرىدە قالايمىقانچىلىق بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە "ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئەڭ تۆۋەن شەرتلەرنى يارىتىپ بېرىشتە زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق" دېگەن.

تىبەتلەر كىگىدۇ دەپ ئاتايدىغان يۈشۇ رايونىدا 14 - ئاپرېل كۈنى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 2183 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 84 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.