خىتاي كومپارتىيىسى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى جىددىي كۆپەيتتى
2011.07.01
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا قاراشلىق ئاساسى قاتلام ياچېيكا ۋە پارتىيە كومىتېتلىرى مۇشۇ بىر يىلدا 2 مىڭدىن ئارتۇق كۆپىيىپ، 69666 گە يەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە رايوندىكى كومپارتىيە ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 2048 ئى كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە يېڭى كۆپەيگەن پارتىيە ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قايسى جايلاردا ۋە قايسى ساھەلەردە قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنداق تېز كۆپىيىشتىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرمىگەن.
بەزى ئانالىزچىلار، بۇ دائىرىلەرنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئاساسى قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي، ئىدىيىۋى كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىر مىليون 320 مىڭدىن ئاشقانلىقى، بۇنىڭ 71.50 پىرسەنتىنى يەرلىك مىللەتلەر ئىگىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.