ئاتۇش شورلۇقتا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىنغان
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.15
2012.10.15
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تۇتقۇنلار بومبا ياساش ياكى پارتلاتقۇچ ماتېرىياللارنى ساقلاش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئىنكاس قىلىنىشىچە، ساقچىلار تۇتقۇن داۋامىدا، نورمال قانۇنىي تەرتىپلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېرىم كېچىدە ئۆي-ئۆيدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان؛ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئائىلىلەرگە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت كۆرسىتىلمىگەن؛ ئائىلىلەردىكى ئانىلار، بالىلار ۋە ياشانغانلارمۇ زوراۋانلىقىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان.
بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، قەشقەر قاغىلىقتىكى بىر ھەربىي گازارما، موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، قاغىلىقتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىقام تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ۋە رايوندا كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن باشلىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.