ئاتۇشتا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

16 - سېنتەبىر كۈنىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىل سۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئاتۇش شەھىرىگە تەۋە يېزىلار كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 19 - سېنتەبىر كۈنى كەچتە ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ، ئاغۇ، ئازاق يېزىلىرى تەۋەسى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى كەلكۈننىڭ ئاستىدا قالغان.

يەكشەنبە كۈنى ئاتۇشنىڭ تۈگمەت يېزىسى تەۋەسىدە يەتتە ئادەم ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېقىتىپ كېتىلگەن. نەتىجىدە، ماشىنىدىكى 4 ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقالغان، بىر ئادەم قۇتۇلۇپ قالغان.

گەرچە، خەۋەردە كەلكۈندىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق، ھازىرغىچە قانچىلىك ئاھالىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ھەم قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.