ئامېرىكىدا ئايدىكى سۇ مەنبەلىرىنى ئېنىقلاش تەتقىقاتى داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسىنىڭ ئايدىكى سۇ مەنبەلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لايىھىلىگەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئاينىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىغا ئۇرۇلغاندا چاچراپ چىققان پارچىلارنى تەتقىقات قىلىش ئىشى ھازىر ئامېرىكىدا جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 'ئاي بىر چەكسىز جەزىرە' دېگەن كۈز قاراشقا خاتىمە بېرىلىشتىن ئۈمىد بار، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلىسكوپلاردىن كۆزەتكەن ئەھۋاللار ۋە سۈنئى ھەمراھلار يوللىغان ئوبرازلىق ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئايدا ئىنسانىيەتكە كېرەكلىك سۇ ۋە باشقا ماددىلارنىڭ بايقىلىشىدىن ئۈمىد بار. ئەمما بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىگە بولغان ئۇچۇرلارنى توپلاش، تەتقىق قىلىش، يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن يەنە بىر نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.