ئەرزدار ئايگۈل توختىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2012.10.03
ئايگۈل توختىنى بىر ئاي ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالدىدىن «توپلىشىپ قالايمىقانلىق چىقىرىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
كېيىن ئايگۈل توختى پەيزاۋات ناھىيىسىدىن ئەۋەتىلگەن ساقچى بەختىيارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، بەختىيار ئايگۈل توختى پەيزاۋاتقا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
ئايگۈل توختى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئايگۈل توختى تۇتۇپ كېتىلىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە بىر خىتاي ساقچىسى ئۇلارغا ئايگۈل توختىنىڭ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، يەنە بىر ساقچى ئەگەر 20 مىڭ يۈەن پۇل بەرسە ئايگۈلنى قويۇپ بەرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھۆكۈمنامە تېخى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلمىگەن بولغاچقا ئايگۈل توختىنىڭ زادى كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى، ياكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىنى تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن شۇنداق ئويۇننى ئويناپ چىققانلىقى مەلۇم ئەمەس.