«شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇرلارنى ئايروپىلان بۇلىماسلىققا چاقىرىپ ئوبزور ئېلان قىلدى
2012.12.24
«جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر جەزمەن قاتتىق جازالىنىدۇ» ناملىق ئوبزوردا ئالدى بىلەن خوتەندىكى 29 - ئىيۇن ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان مۇسا يۈسۈپ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان؛ ئارقىدىن ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىدا بىخەتەرلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتىلىنىپ، ئايروپىلان بۇلاشقا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكى ۋە دۇنيادا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەر قانۇننى ھۆرمەتلەشكە، قانۇندىن ھېيىقىشقا چاقىرىلغان. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بەزى كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئوبزورنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىدىن قاتتىق چۆچىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تۈر ھەرىكەتلەرنى ئوبزور ئارقىلىق توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنى توختىتىشنىڭ بىردىن - بىر يولى ھەق ۋە ئادالەتكە ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.