باغدادتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى يارىلاندى

25 - ئۆكتەبىر باغدادتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا خىتاينىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ زەخمىگە ئۇچرىغان ۋە ئىككى نەپەر ئەلچىخانا خادىمى يارىلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پارتلاشتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تورۇسلىرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئىككى نەپەر ر ئەلچىخانا ئاشپىزى يارىلانغان، ئەمما ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسى پارتلاش يۈز بەرگەن ئىراق ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە باغدات شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن بولغاچقا، پارتلاشقا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتكەن.

25 - ئۆكتەبىر باغدادتا يۇ بەرگەن پارتلاشقا ئالاقىدار بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پارتلاشتا جەمئىي ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ ئاز دېگەندە 147 گە يەتكەن ۋە يارىلانغۇچىلار 500 دىن ئاشقان.

خىتاي ئەلچىخانىسى پارتلاش يۈز بەرگەن جايدىن 50 مېتىر نېرىدىكى مەنسۇر مېھمانخانىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى 22 - ئۆكتەبىر ئىراققا بەزى ياردەم ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.