ئامېرىكىدا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى بىلەن شۇغۇللانغان دوختۇر ئۆلتۈرۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.06.02
2009.06.02
دوختۇر تىللىر بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدىن قايتىشىدا قەستكە ئۇچراپ نەق مەيداندا ئۆلگەن.
تىللېرنى ئۆلتۈرگەن قاتىل ھازىرغا قەدەر تېخى تۇتۇلمىدى. ۋەقەگە شاھىد بولغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇنىڭغا ئوق چىقارغان ئاق تەنلىك بىر ئەر كىشى ئىكەن، ئۇ كۆك رەڭلىك ئاپتوموبىل بىلەن قېچىپ كەتكەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىللېر بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇنمۇ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئامبولاتورىيىسىدە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى كىشىلەرنىڭ قەستىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، جېنى ئامان قالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئامبۇلاتورىيىسى 1985 - يىلىدا بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بومبا قويۇپ پارتلىتىلغان.
دوختۇر تېرللىر 20 ھەپتىدىن ئاشقان ھامىلىلەرنىمۇ چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تېللىرنىڭ بۇ ھەرىكىتى بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قاتىللىق دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىم تىللېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن بۇ تەشكىلاتلارمۇ ئىنتايىن چۈچۈگەنلىكىنى ھەم ئېچىنغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.
پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزىلىۋاتقان خىتايدىمۇ ھازىرغا قەدەر 20 ھەپتىدىن ئاشقان ھامىلىلەرنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ سىياسەت تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم شۇنداقلا ئۇ جايدىمۇ مەزكۇر سىياسەتلەرگە قارشى ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەن ئىدى.
ئىلگىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللاپ، مەسچىتلەردە بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلغان ھارۇنخان ھاجىمنىڭ يىگىرمە نەچچە يېرىگە، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن پىچاق تىقىلغان بولسىمۇ جېنى ئامان قالغان، ئاقسۇدا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پارتلىتىلغان ۋەقەگە ئوخشاش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى ۋەقەلەر داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلدى.
ئادەتتە قورساقتا 20 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھايات قېلىش ئېھتىمالىي ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ مېدىتسىنا تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھايات قېلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى.