ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. بانكىمون شەنبە كۈنى پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى يەنە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان. بىراق، خەۋەردە غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەر بانكىموننىڭ بۇ سەپىرىنىڭ نەتىجە قازىنىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بانكىموننىڭ ئىلگىرىمۇ ئىسرائىلىيىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ رولى بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان.
ئالدىنقى يىلى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى غەززە رايونىنى توپقا تۇتۇپ زور ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغاندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە ب د ت نىڭ بۇ جايدىكى ۋەيران بولغان بىنالارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، غەززە رايونىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش پىلانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بۇ جايغا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىشىنى توسقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ب د ت ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ توسقۇنلۇقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بانكىمون ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ تالاش -تارتىش ئۈستىدىكى شەرقىي يېرۇسسالىم رايونىدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئىسرائىلىيىلىك ئۈچۈن تۇرالغۇ جاي سېلىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ مەزكۇر بېسىۋېلىنغان جايدا ئائىلىلىكلەر بىناسى سېلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.