بانكىمون ئۆز سۆزىدە، نورۇز بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «نورۇز بايرىمى-ئۇرۇق-تۇغقان، يارۇ، دوست، بۇرادەرلەر ئۆز-ئارا جەم بولىدىغان بايرام.
نورۇز بايرىمى تىنچلىقنى، ئىتتىپاقلىقىنى، ئۆملۈكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بايرام بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر دۇنيا تۇراقسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.
نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان رايونلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا نورۇز بايرىمى مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلقئارالىق نورۇز بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى» دېدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ھەم تاجىكلار نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نورۇز بايرىمى ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلىرى ھەم ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.