تېررورىزم ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ب د ت چوڭ يىغىنىنىڭ باش تېمىسى بولدى

بۈگۈن چارشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ 64 ‏- قېتىملىق چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 120 دىن ئارتۇق دۆلەت باشلىقى نيۇيورك شەھرىگە جەم بولدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ب د ت دىن بايان قىلىشىچە، كلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى بويىچە ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش دەپ ئاتالغان بۇ چوڭ يىغىندا، تېررورىزم ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى باش تېما بولۇپ قالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-09-23
Share

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېمەكىلىك، ئېنېرگىيە، يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق كرىزىس مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر چوڭ مەسىلىگە - تېررورىزم ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە يىغىنچاقلاندى، دەپ جاكارلىدى باش كاتىپ بان كىمۇن چوڭ يىغىنىنى ئېچىش نۇتقىدا.

ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى چوڭ يىغىندا بارەك ئوباما، دېمىترى مېدۋېدېف، خۇجىنتاۋ، يۇكيو خاتوياما قاتارلىق يېڭى چىرايلار پەيدا بولغان ئىدى.

بان كىمۇن نۇتقىدا، ب د ت نىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۇنيانى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنى، يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە 'قىزىل' بەلگە بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت