بېرما سىياسىي مەھبۇسلار ئۈچۈن كەچۈرۈم ئېلان قىلماقچى

بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۈگۈن، بىرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئەمەلدار يەنە، كەچۈرۈم باياناتىنىڭ چارشەنبە كۈنى، يەنى بىرما پرېزىدېنتى تەنسىن ھىندىستان زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما بۇ ئەمەلدار سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياكى بىر قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

بۈگۈن بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر كۇرت كامبەل، بىرمىنىڭ كەچۈرۈم قارارىنى، ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە «سەكرەش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش» دەپ مەدھىيىلىگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر دېموكراتىيە قەدىمىدە ھەقىقىي ئىلگىرىلەش بولغان تەقدىردە، بىرمىغا قاراتقان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جازالارنىمۇ يۇمشىتىدىغان ياكى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە شەپە بەرگەن.

كامپەلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، ئامېرىكا ئۇنىڭغا بىرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىرمىدا سىياسىي تەلەپلىرى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۆكتىچىلەر، مۇخبىرلار ۋە ئادۋوكاتلار بولۇپ جەمئىي 2000 ئەتراپىدا كىشى بار. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرمىدىكى مەشھۇر ئۆكتىچى رەھبەر ئان ساڭ سۇكى خانىمنىڭ تەرەپدارلىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت