بېرما 452 نەپەر مەھبۇسقا كەچۈرۈم ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بېرمىغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتى باشلىنىشتىن ئالدىدا، بېرما ھۆكۈمىتى 452 نەپەر مەھكۇمغا كەچۈرۈم ئېلان قىلدى. بېرمىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرى قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلار ئارىسىدا سىياسىي مەھبۇسلار ۋە بەزى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىدىغانلار ئىچىدە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۈگۈن بېرما ھۆكۈمىتىگە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بېرما تۈرمىلىرىدە 300 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس بار ئىكەن.

بېرمىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىسلاھاتتىن شەپە بېرىشكە باشلاپ، ئالدى بىلەن داڭلىق ئۆكتىچى ئاڭ ساڭ سۇچى خانىمنى كېيىن 2012-يىلىنىڭ يانۋار ۋە سېنتەبىر ئېيىدا 50 تىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان ئىدى.

بېرمىنىڭ بۇ قەدەملىرى ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 19-چېسلا بېرمىدا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىمۇ بېرمىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئىسلاھاتقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوبامانىڭ بېرمىغا قىلىدىغان زىيارىتى ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە ئۇ بېرمىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت