بېرما 2000 دىن ئارتۇق كىشىنى قارا تىزىملىكتىن ئۆچۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

بۈگۈن بېرما ھۆكۈمىتى بېرمىغا كىرىشى چەكلەنگەن 2082 كىشىنىڭ قارا تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ، سىياسىي تۈزۈلمىسىنى يۇمشىتىشقا قاراپ ماڭغان بېرما ھۆكۈمىتى تاشلىغان يەنە بىر ئىسلاھات قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2012.08.30

ئىگىلىنىشىچە، قارا تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە تونۇلغان سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، چەتئەللىك تەتقىقاتچى، پروفېسسورلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار بار بولۇپ، تىزىملىكتە يەنە، سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مادېليىن ئالبرايىت خانىم، داڭلىق بېرمىلىق ئۆكتىچى ئاڭساڭ سۇچىنىڭ ئوغلى ۋە شۇنداقلا فىلىپپىن پرېزىدېنتى كورازون ۋە ئامېرىكىلىق ناخشىچى سونىي بونوغا ئوخشاش تونۇلغان ئىسىملارمۇ بار.

بېرما پرېزىدېنتى رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، چەتئەللەردە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بېرمىلىقلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر قەدەم بولدى. چۈنكى، بېرما ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تۈزۈمىدە ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، نامايىش قىلىشنى قانۇنلاشتۇرغان، ئاخبارات ساھەسىدىكى كونترولنى ئازايتقان ۋە بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان ئىدى.

بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىجابىي يۆنىلىشى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. ئامېرىكا بۇندىن ئاۋۋال، بېرما ئەگەر مۇشۇنداق دېموكراتىيىلىشىشكە قاراپ ماڭسا، ئامېرىكىنىڭ بېرمىنى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.