بېرما ھۆكۈمىتى نامايىش قىلىشنى چەكلەيدىغان تۈزۈمىنى بىكار قىلدى

بېرمىدىكى ئىسلاھات قەدەملىرى داۋام قىلماقتا. بۈگۈن بېرما ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ نامايىش قىلىشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پۇقرالارنىڭ نامايىش قىلىش، يىغىلىش ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

بېرمىدا 1988-يىلى ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان 25 يىلدىن بۇيان 5 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ نامايىش قىلىشى چەكلىنىپ كەلگەن ئىدى.

قارار بۈگۈن بېرما دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ، بېرما ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان ئىسلاھات قەدەملىرىنىڭ يەنە بىرى ھېسابلىنىدۇ. بېرما ھۆكۈمىتى تېخى يېقىنقى ئايلاردىلا ئاخباراتنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغان ئىدى.

بېرمىنىڭ دېموكراتىيە يولىدا ئاتقان قەدەملىرى دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى ئەللەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. باراك ئوباما بېرمىنى بۇ يولدا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن يىل 11-ئايدا بېرمىنى زىيارەت قىلىپ، بېرمىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوپقالغان ئىدى.