بېرما پرېزىدېنتى دۆلەت ئارمىيىسىگە كاچىن مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى

بىر قاتار دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بېرما پرېزىدېنتى تەنسىن، ئارمىيىگە پەرمان چۈشۈرۈپ بېرمىنىڭ شىمالىدىكى كاچىن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئارمىيىسىنى ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرۇدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.12

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت تەنسىن يېقىندا بېرمىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلاردىن شەن ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بىر قىسىم مەسىلىلەردە كېلىشكەن ئىدى. ئەمما شىمالدىكى كاچىن مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە قارىتا بۇنداق بىر مۇرەسسە يولىنى تېخى تۇتمىغان ئىدى.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى بىلەن بېرما دۆلەت ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇش قايتىدىن شىددەتلەنگەن. بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئارمىيىنى پەقەت ئۆزىنى قوغداشتىن باشقا، ئاكتىپ ھالدىكى ئۇرۇشقا كىرمەسلىككە بۇيرۇغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ئالدىنقى ھەپتە بېرمىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، بېرما دائىرىلىرىنى، ئېتنىك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان. بېرمىدىكى كاچىن مىللىتى 1960‏-يىللاردا مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باشلىغان. بېرما نوپۇسىنىڭ 7% ئىنى ئىگىلەيدىغان كاچىنلار، يېقىنقى يىللاردىن بىرى، نېفىت تۇرۇبا يولى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىغا قارىتا پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.