بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە بىر پارچە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بىرمۇ - بىر تەكشۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
باياناتتا، جەمئىي قانچە مەھبۇسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى قايسى دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مەھبۇسلار نۆۋەتتە گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان، ئەمما ئالىدىغان دۆلەت يوق، گۈەنتانامودا تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مەھبۇسلاردىن تاللىنىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە جەمئىي 240 نەپەر مەھبۇس قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 50 نەپەرگە يېقىن مەھبۇس گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان.
گۈەنتانامودا 7 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرمۇ نەچچە يىل ئىلگىرىلا گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋ جۇمھۇرىيىتى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش مايىللىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان پەيتلەردە، ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى بۇلاردىن 4 نەپىرى ئەنگىلىيە ھامىيلىقىدىكى گۈزەل دۆلەت بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.