خىتاي 12-5 يىللىق پىلاندا ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىم مۈلۈككە 3 تېرلىئون 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالماقچى ئىكەن
2011.04.22
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 12-5 يىللىق پىلان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىم مۈلۈككە سالىدىغان مەبلىغىنىڭ ئۆزىلا 3 تېرلىئون 600 مىليارد يۈەن.
بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى دارامىتىنىڭ ئاز كەم 3 دەن 2 قىسمىغا تەڭ كېلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى دارامىتى 5 تېرلىئون يۈەن ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىنغان.
«خەلقئارا تور» قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە مەزكۇر مەبلەغنىڭ سۇ-ئىنشائات، تاش يول قۇرۇلۇشى، يېڭى ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھەلەرگە سېلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە، بۇ «2010-يىلى مەركەز يولغا قويغان شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەملىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇ خىتاينىڭ 11-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغىدىن 3 ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۇنىڭ ھەر جەھەتتىن «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇقىم مۈلۈككە سېلىنىدىغان يۇقىرىقى مەبلەغنىڭ 620 مىليارد يۈەنى 12-5 يىللىق پىلاننىڭ دەسلەپكى يىلىدا سەرپ قىلىنىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنداق زور كۆلەملىك مەبلەغ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا ئىلگىرىلەپ جەلپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى-سىياسى، مەدەنىيەت، نوپۇس ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا كېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، خىيانەتچىلىك، پۇل پاخاللىقى، مۇھىت ۋەيرانچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.