بېيجىڭدا يەنە ئەرزدارلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا نەچچە يۈزلىگەن ساقچى بېيجىڭ فېڭتەي رايونى گۇڭسۇن كەنتىنى قورشىۋالغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.09.18

مەلۇم بولۇشىچە ساقچىلار ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ ساقچىلارنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى ئەرزدارلارنى تۇتۇپ ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتىكى جۇ جاۋېن ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كەتكەن.

بوشۈن تور بېكىتىدىمۇ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىملىق ئەرزدارلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە بېيجىڭدا ئەرزدارلار ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان داخىڭ كەنتى، شۆباۋ كەنتى قاتارلىق بىرقانچە جايدىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە ساقچىلارنىڭ تىزىملىك بويىچە ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بۈگۈن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئالدىدا تىزىلىپ تۇرۇپ نۆۋىتىنى كۈتۈۋاتقان 300دەك ئەرزداردىن ساقچىلار ئۇلارنىڭ كىملىكىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يەنە 10 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.

بۇ يىل 5-ئىيۇل ھارپىسىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن ساقچى كادىرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرۇنگۇل، غازى ئاكا قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ كەلگەندىن كېيىن قاماپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.