خىتاينىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭدا قاتناشنىڭ كونترول قىلىنىشى نارازىلىق قوزغىدى

3-مارتتىن 5-مارتقىچە بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىندىن ئىلگىرى بېيجىڭ شەھىرىدە ئالاھىدە تەدبىر ئېلىنىشى نارازىلىق قوزغىماقتا.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.02.28

بېيجىڭ قاتناش باشقۇرۇش دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 28-فېۋرال سەھەردىن 17-مارت سائەت نۆلگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا، بېيجىڭ شەھىرىدە قاتناش تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقىنى، شەھەرگە سىرتتىن كىرگەن ماشىنىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنى بېجىرگەندىلا، ئاندىن بېيجىڭ شەھىرىگە كىرەلەيدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ھەم خىمىيىلىك ئەشيالارنى توشۇغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ شەھەر ئىچىگە كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە شەھەر قاتنىشىنى كونترول قىلىش پىلانى، بېيجىڭدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بىر قىسىم تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە 27-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىرقىسىم تاكسى شوپۇرلىرى شەھەر يوللىرىنىڭ قامال قىلىنىشىغا نارازى بولۇپ ئىش تاشلىغان. ئۇندىن باشقا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭغا سىرتتىن كەلگەن ئەرزدارلارنى قامال قىلىپ، بېيجىڭدىكى چوڭ كوچا، ۋوگزال، ئايرودروم، باغچە قاتارلىق جايلارغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتىشى، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار ھەم بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.