پارتلاش جەريانىدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم پىيادىلەر يارىلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 30 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىمۇ بار بولۇپ، پارتلاشتا ئۇنىڭ پۇتى يارىدار بولغان.
بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدە ھېچقانداق ماددى چىقىم كېلىپ چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما پارتلاشنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرچە مەلۇمات بەرمىدى.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بيېجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلىغان. پارتلاش مەيدانغا كەلگەن رايون ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ، قاتناش توختىتىلغان.