بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاي بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا جۈمە كۈنى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئاز قالغاندا يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.25

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش ۋەقەسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزى شىنجيېكۇ رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا كېلىپ چىققان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، ۋەقەگە رېستوراندىكى گاز تۇڭىنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ساقچىلار بولسا ۋەقەدە قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەن ياكى ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىغا دائىر دائىر تەپسىلىي دېتاللاردىن خەۋىرى يوقلۇقى، لېكىن يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى زى شاۋدوڭ، "رېستوران خىزمەتچىلىرىدىن 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ ئىچىدە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى"نى ئېلان قىلغان.

لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، پارتلاش كۈچىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە قاراپ، بومبا پارتلىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي رادىكاللىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر "پارتلاش ۋەقەسىدە پۈتۈن رېستوراننىڭ غۇلاپ چۈشۈپ، ھېچنېمە قالمىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.

لېكىن ساقچىلار رېستوراندىكى پارتلاشنىڭ بومبا پارتلاش سەۋەبى كېلىپ چىققانلىقىنى رەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.