ئۈرۈمچىدە بۈگۈن بىر كۈندە ئىككى قېتىم بىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەلقئاراغا تارقىلىدىغان ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن (تۆتىنچى ئاينىڭ 11-كۈنى) ئۈرۈمچىدە، بىر كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم بىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلدى، 9 ئادەم يارىلاندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئۈچ قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۈرۈمچىدىكى بېيجىڭ يولىدا، ئۇ، ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىنىڭ يىقىلغان تاش رايونىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسى. پارتلاشتا بۇ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ ئۆگزىلىرى بۇزۇلغان.

ۋەقەدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى، بۇ بىنانىڭ باشقا قەۋەتلىرىدە ھايات قالغان ئادەم بولسا قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن يەنە بىر بىنا ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تېخى ئېلان قىلمىدى.