بىڭتۇەن دېھقانلىرىنىڭ 2012 - يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئوتتۇرىچە كېرىمى 9551 يۈەنگە يەتكەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىنىپ ئاچ قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان مەزگىلدە بىڭتۇەن دېھقانلىرىنىڭ 2012 - يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئوتتۇرىچە كېرىمى 9551 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.2 پىرسەنت ئاشقان.


«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەرچىگە قارىغاندا، بىڭتۇەننىڭ 2012 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمدىكى يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 35 مىليارد 665 مىليون يۈەن ئۆرلەپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن 19.8 پىرسەنت ئاشقان.

بىڭتۇەن ستاتىستىكا ئىدارىسىدىكى باش ستاتىستىكىچى جاڭ پېڭ بىڭتۇەننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆلىمىڭ زو، تەرەققىيات قەدىمىڭ تىز، بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بىڭتۇەن نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي دېھقانلىرى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت رايونلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.