بىر جۈپ ھايۋان بېشى خىتاينىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي سېتىلدى

بېيجىڭ يۈئەنمىڭيۈئەن باغچىسىدىن يوقاپ كەتكەن چاشقان بېشى ۋە توشقان بېشى مىس ھەيكىلىنىڭ باھاسى 25 ‏ - فېۋرال كۈنى كەچتە، پارىژدىكى Christie's كىمئارتۇق سودا يەرمەنكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىمئارتۇق سودىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي , ئايرىم ‏ - ئايرىم 14 مىليون ياۋرو قىممىتىدە باھالىنىپ سېتىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-02-26
Share

خىتاي دۆلەت ئاسارە ‏ - ئەتىقە ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، Christie's كىمئارتۇق سودا يەرمەنكىسىدە، بىر جۈپ ھايۋان بېشى مىس ھەيكىلىنى سېتىشنى تەشەببۇس قىلىش، " جۇڭگو خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت " دېگەن. باياناتتا يەنە قانۇنسىز چېگرىدىن چىقىرىلغان ئاسارە ‏ - ئەتىقىنى سېتىش قىلمىشىدىن مەيدانغا كەلگەن بارلىق ئاقىۋەتلەرگە، Christie's كىمئارتۇق سودا يەرمەنكىسىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىراق، ئىككى مىس ھەيكەلنىڭ ھازىرقى تولۇق ھوقۇقلۇق ئىگىسى، ئاسارە ‏ - ئەتىقە سودىگىرى پېرى بېرگى "مەن خىتايغا مەزكۇر ئاسارە ‏ - ئەتىقىلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە رازى، ئەمما مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە قىلىشىنى، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىشىنى شۇنىڭدەك دالاي لامانىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمەن " دېگەن ئىدى.

چاشقان بېشى بىلەن توشقان بېشىنىڭ مىس ھەيكىلى يۈئەنمىڭيۈئەن باغچىسىدىكى 12 " مۆچەل ھايۋانلىرىنىڭ بېشى" ئىچىدىكى ئىككى مىس ھەيكەل بولۇپ، 12 مۆچەل ھايۋان بېشى ئىچىدە ئەجدىھا بېشى، يىلان بېشى، قوي بېشى، توخۇ بېشى ۋە ئىت بېشى قاتارلىق بەش دانە مۆچەل مىس ھەيكەللەرنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت