خىتاي دۆلەت ئاسارە - ئەتىقە ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، Christie's كىمئارتۇق سودا يەرمەنكىسىدە، بىر جۈپ ھايۋان بېشى مىس ھەيكىلىنى سېتىشنى تەشەببۇس قىلىش، " جۇڭگو خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت " دېگەن. باياناتتا يەنە قانۇنسىز چېگرىدىن چىقىرىلغان ئاسارە - ئەتىقىنى سېتىش قىلمىشىدىن مەيدانغا كەلگەن بارلىق ئاقىۋەتلەرگە، Christie's كىمئارتۇق سودا يەرمەنكىسىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بىراق، ئىككى مىس ھەيكەلنىڭ ھازىرقى تولۇق ھوقۇقلۇق ئىگىسى، ئاسارە - ئەتىقە سودىگىرى پېرى بېرگى "مەن خىتايغا مەزكۇر ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە رازى، ئەمما مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە قىلىشىنى، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىشىنى شۇنىڭدەك دالاي لامانىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمەن " دېگەن ئىدى.
چاشقان بېشى بىلەن توشقان بېشىنىڭ مىس ھەيكىلى يۈئەنمىڭيۈئەن باغچىسىدىكى 12 " مۆچەل ھايۋانلىرىنىڭ بېشى" ئىچىدىكى ئىككى مىس ھەيكەل بولۇپ، 12 مۆچەل ھايۋان بېشى ئىچىدە ئەجدىھا بېشى، يىلان بېشى، قوي بېشى، توخۇ بېشى ۋە ئىت بېشى قاتارلىق بەش دانە مۆچەل مىس ھەيكەللەرنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان.