بىرلەشمە ئارمىيە لىۋىيە قوشۇنلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇردى

ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە كۈچلەر لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19 دانە ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى سەھەردە لىۋىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمغا 3 دانە راداردا كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايروپىلانمۇ قاتناشتۇرۇلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھۇجۇمدا بېنگازى شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا ئورۇنلاشقان كازافىي قىسىملىرىنىڭ بىر قانچە ئون دانە ئاپتوموبىلى ۋە تانكىلىرى ۋەيران قىلىنغان.

ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرى شتاب باشلىقى لىۋىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ دەسلەپكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، ئەمدى كازافىي قوشۇنلىرىنىڭ بېنگازىنىڭ غەربىي قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەرىپلىگەن. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرىمۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇچقۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى كۈنلۈك بۇ ھۇجۇملاردا لىۋىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ كۆپلىگەن ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا قاتناشقان بولۇپ، بۇ بىر قېتىملىق خەلقئارالىق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.