ھىندىستان پاكىستاندىن تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئالدىنقى ھەپتە بومبايدا يۈز بەرگەن 175 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى يەنە 300 گە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررور ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2 - دېكابىر، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشقان دەپ بېكىتىلگەن تېررور گۇماندارىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، پاكىستاندىن بۇ تىزىملىكتىكىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.02

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە ئاچقان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، تىزىملىكتىكى ئىسىملارنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ،ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇ تىزىمدىكىلەرنىڭ 20 نەپىرىنىڭ پاكىستان تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى،پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ تېررور گۇماندارلىرىنى دەرھال تۇتۇپ ھىندىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان ئاخباراتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار ئىچىدە بومبايدا 1993 - يىلى يۈز بەرگەن 250 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان پارتىلىتىشنىڭ پىلانلىغۇچىسى داۋۇت ئىبراھىم ۋە يەنە 1999 - يىلىدا ھىندىستان ھاۋا يوللىرىدا ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسئۇد ئەزھەر قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ھىندىستان دائىرلىرى بۇلارنى ئۆتكەنكى ھەپتىدىكى بومباي تېررور ھۇجۇملىرىغا بىۋاستە قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇ ۋەقەلەردە ئۇلارنىڭ قولى بار دەپ قارىماقتا ئىكەن. ھىندىستان ئالتە يىل ئىلگىرىلا بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىنى پاكىستانغا بىر قېتىم تاپشۇرغان.

ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمنى، كەشمىر رايونىنىڭ ھىندىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پاكىستان جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەشكىللەپ چىققان "لەشكەرى تائىبە" تەشكىلاتى ئەزالىرى تەشكىللىگەن دەپ قارىماقتا ئىدى.

ھىندىستان پاكىستان 1947 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان كەشمىر مەسىلىسى تۈپەيلى ئۈچ قېتىم ئۆز ئارا ئۇرۇش ئاچقان نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قايتىدىن ئىختىلاپقا يۈزلەندى. ھازىر بۇ ئىككىلا دۆلەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.