مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ پولات ئەلەمدار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ پولات ئەلەمدار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرۈنۈشلىرى ھەمدە ئۇچرىشىش ئەھۋالىغا ئائىت قىسقىچە مەلۇماتلار بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا نەچچە ئون مىڭلاپ ئوقۇلۇش ۋە كۆرۈلۈشكە ئېرىشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم مۇنداق 130 دىن ئارتۇق ئەدەبىيات، سەنئەت، كىنو، مۇزىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ ھالدا تۈركىيىگە بېرىپ، تۈركىيىنىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلغان.
ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى پولات ئەلەمدار بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدىكى ئىنكاسلار ناھايىتى يۈكسەك باھالار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئەرتىسقا بولغان ھۆرمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىغە بولغان دوستانىلىق ئىپادىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار، خىتاي، خوڭكوڭ، ياپون، ھىندىستان ۋە پاكىستان ھەتتا كورىيىنىڭ داڭلىق كىنو ئەرتىسلىرىنى ئەتىۋالىغان ئىدى، مانا ئەمدى تۈركىيە چولپانلىرى، تۈركىيە فىلىملىرى جۈملىدىن پولات ئەلەمدار ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.