خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا سۆزلەشتى

1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى رەھبەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، خۇ جىنتاۋ بۇشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاكتىپلىقىنى مەدھىيىلىگەن.

شىنخۇانىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ياخشى ھەمكارلىشىش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇنىڭ تەبرىكلەشكە لايىق ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا خۇ جنتاۋ بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خۇ جىنتاۋ يەنە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ، رايوندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىلىكىنى ئىزھار قىلغان، ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس كېلەر ھەپتىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ ئۇنىڭ خوشلىشىش زىيارىتى بولۇپ قالىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش ۋە تاشقى ئىشلار رەھبىرى رايىس قاتارلىقلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن ۋەزىپىسىنى يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوباما ۋە ئۇنىڭ كابىنېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.