چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئىلىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاشۇرۇلدى
2013.02.07
رايوندا يولغا قويۇلغان بايراملىق چارلاش، نۆۋەتچى قويۇشقا ئوخشاش تۈرلۈك تەدبىرلەردىن سىرت، ئۇيغۇر رايونىدا تۇرۇشلۇق چېگرا ۋە قوراللىق قىسىملارمۇ ئۇرۇش مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزگەن.
خىتاي ئارمىيە خەۋەرلەر تورىدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى قىسىملار «ئۇرۇش قىلىش، قىلغان ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىش» دەيدىغان چاقىرىق بويىچە جەڭ مەشىقى ئۆتكۈزۈپ، چاغان مەزگىلدىكى ھوشيارلىقىنى، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش باھانىسىدە، تۈرلۈك قاتتىق باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا رايوندا ھەر خىل ناملار ئاستىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە يولۇچى توشۇش خىزمەتلىرىمۇ ئەڭ جىددىي باسقۇچقا كېلىپ، قاتناش بېكەتلىرىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقىمۇ ئاشقان.