چاغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كۈچەيتىلدى

قەشقەر ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى كېلىشى بىلەن،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىنلا 700 نەپەر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يىققان بولۇپ ئۇلار مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يولغا سېلىنىدىكەن.

قەشقەردىكى ئەمگەك كۈچى يۆتكەشكە مەسئۇل دائىرىلەر،ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سالمىقىنى ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيمۇ ‏ - ئۆي كىرىپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

چاغان ھارپىسىدا ئىلى ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىمۇ مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئوبلاست بۇيىچە بۇ يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ماسلىشىپ، بولۇپمۇ يېزا ‏ - قىشلاقلاردىكى ئاياللارنىڭ كۆپرەك يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا كۈچەيتىپ بارماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر مىليون 250 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلدى شۇنداقلا مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكەپ بارماقتا.