چېگرا ھالقىغان ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ب د ت غا ئەرز يوللىدى

چېگرا ھالقىغان ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار ھوقۇقى كومىتېتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.08.02

تەشكىلات ئەرزنامىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق تېررورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق نوپۇسنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى قامال قىلىۋاتىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتاي پۇقرالىرىنى تېررور ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ، تېررور ئارقىلىق ئۆز كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ سىياسەتكە قارشى چىققۇچىلار مەمۇرىي جازا ۋە ھەتتا قاماق جازاسى بىلەن جازالىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەرخىل روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەكسىچە، دائىرىلەر بۇ سىياسەتنى 12-5 يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.