خىتاي دائىرىلىرى «چېن شىتوڭ بىلەن سۆھبەتلەر» ناملىق كىتابنى نەشردىن توختىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىغان
2012.06.01
چېن شىتوڭ تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغان 1989-يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە مەركىزى كومىتېت سىياسىينىڭ بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ قوللىغان شەخسلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بىراق ئۇ تىيەنئەنمېن ۋەقەسى باستۇرۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ئون نەچچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بىراق چېن شىتوڭ يازغۇچى ياۋ جيەنفۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ خىيانەتچىلىك قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ قۇربان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يازغۇچى ياۋ جيەنفۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى كىتابلاشتۇرۇپ، «چېن شىتوڭ بىلەن سۆھبەتلەر» نامىدا نەشرگە تەييارلىغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر كىتاب جۈمە كۈنى نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ياۋ جيەنفۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، كىتابنى نەشردىن قايتۇرۇۋېلىشنى، ئۇنىڭ بارلىق زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق يازغۇچى ياۋ جيەنفۇ خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 267 بەتلىك مەزكۇر كىتاب «4-ئىيۇن ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىق ھارپىسىدا ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمى ئالمىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان نازۇك مەزگىلدە نەشر قىلىنىپ، خىتاي دانىلىرىنى بىئارام قىلغان.
يازغۇچى ياۋ جيەنفۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېن شىتوڭ ئەينى چاغدا ۋەقەنىڭ دىئالوگ ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىنىشىدا ئۈمىد بارلىقى، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.