فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چېن شۇيبۇيەن، ھازىرقى پرېزىدېنت مايىڭجيۇ تەرىپىدىن نەزەربەنتكە ۋە كېيىن تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدە كىتاب يېزىپ داڭ چىقىرىپ، ھازىر بىر مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلاندى.
خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، چېن شۇيبيەننىڭ تۈرمىدە يازغان 'تەيۋەندە كىرىستقا مىقلىنىش'، 'ئاۋازنى چاپقىلى بولمايدۇ' دېگەن ئالدىنقى ئىككى كىتابى، پەقەت ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىدىلا 90 مىڭ نۇسخا سېتلىپ بولدى. ھازىر دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچىنجى كىتابىنى كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ.