ئەما پائالىيەتچى چېن گۇاڭچېڭنىڭ جيەنىگە بېرىلگەن 3 يىللىق قاماق جازاسى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېنىڭ جيەنى يەنى ئاكىسىنىڭ ئوغلى چېن كېگۇيغا ئۆتكەن ھەپتە خىتاي سوتى تەرىپىدىن 3 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.04

ھۆكۈمدە ئۇنىڭ جىنايىتى ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش دەپ بېكىتىلگەن ۋە ئۇنىڭ قولىغا پىچاق ئېلىپ ساقچىلارنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى جىنايى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. چېن كېگۇي، ئامېرىكا دىپلوماتىيە كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ خىتايدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ جيەنى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر سوتنىڭ جەريانى مەۋھۇم بولغاچقا، چېن كېگۇيغا بېرىلگەن جازا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر جازانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن گۇاڭچېڭدىن ئۆچ ئېلىشى دەپ قارىماقتا. بۈگۈن چېن گۇاڭچېڭ رويتىرېسنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە جيەنىنىڭ ساقچىلارنى پىچاق بىلەن ئۆيىدىن قوغلىشىنى يوللۇق ھالدا ئۆزىنى قوغداش دەپ ئاقلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن گۇاڭچېڭ رويتىرېسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى چاغدا ئانىسىنىڭ نەق مەيداننى تەسۋىرلەپ بەرگەن ۋىدىئو كۆرۈنۈشىنى مۇخبىرغا قويۇپ بەرگەن. كۆرۈنۈشتە بايان قىلىنىشىچە، چېن گۇاڭچېڭ ئۆيىدىن قاچقاندىن بىر كۈن كېيىن، يېرىم كېچىدە ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە چېن گۇاڭچېڭنىڭ جيەنىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئاكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سورىغان، بۇ چاغدا ئۇ ئاشخانا ئۆيدىن پىچاق كۆتۈرۈپ چىقىپ ساقچىلارنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.