ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە 5 بال يەر تەۋرىگەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە 5 بال يەر تەۋرىگەن. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى تەۋرەشتە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەر تەۋرەشتە تۇرالغۇ ئۆي ۋە چارۋا - ماللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش چەرچەن ۋە چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ئورتاق كۆرۈنگەن. رادىئومىز مەزكۇر خەۋەرنى ئوز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىدۇق.