خىتاينىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئۆتكەن يىلى 4.3 پىرسەنت زىيان تارتقان

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بايلىق فوندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئۆتكەن يىلى 4.3 پىرسەنت زىيان تارتقان.

ئۇلار چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ خىتاي مەبلىغىنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم زىيان تارتىشى ئىكەن.

خىتاي 2007-يىلى خىتاي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنى قۇرۇپ، خىتاي دۆلەت خەزىنىسىدىكى 3 ترلىيۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ بىر قىسىمنى چەتئەل پايچېكىگە مەبلەغ سالغان ئىدى.

ھالبۇكى خىتاينىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلەغلىرى 2008-خەلقئارا ئىقتىسادتا كۆرۈنگەن چېكىنىش يۈزىسىدىن بىر قېتىم زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئۆتكەن يىلى يەنە زىيان تارتقان.

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: نۆۋەتتە خەلقئارا بازاردا كۆرۈلۈۋاتقان داۋالغۇش تۈپەيلى بىزنىڭ مەبلەغلىرىمىز زور رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ بۇ مەبلىغى 2008-يىلى 2.1 پىرسەنت زىيان تارتقان ئىكەن.