چىرا ناھىيىسىدىن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.04.21
2009.04.21
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بۇ قىزلارنىڭ 99% تى ئۇيغۇر بولۇپ ھەممىسى 20 ياشتىن تۆۋەن ياش قىزلار ئىكەن.
قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بارغاندىن كېيىن، يېشى بەك كىچىك ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى قېتىم ئائىلىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىشى بولغاچقا، خىتاينىڭ يات مۇھىتىغا كۆنەلمەي قىينالغان. ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ئاتا ئانىلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمىغاچقا كېچىلىرى ئاتا - ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلىغان، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بەزىلىرى ھەتتا 18 ياشقىمۇ تولمىغان بولۇپ، خىتاي تىلىنىمۇ بىلمىگەن بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئادرېسىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
ئۇلارنىڭ زاۋۇتتا ئۇچراۋاتقان خورلۇقلىرى، ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋاللىرى، خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرى ئارقىلىق پاش بولماقتا.