چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى تارقالغان دۆلەت سانى 53 كە يەتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۈگۈنگە قەدەر دۇنيا بۇيىچە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى تارقالغان دۆلەت سانى 53 كە، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 15 مىڭ 608 گە يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-30
Share

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭ، رومىنىيە، سېنگاپور، سلوۋاكىيىلەر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملىنىش ھادىسىلىرى تېز كۆپىيۇۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ قالدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر سرتتىن كىرگەن چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارلاردىن باشقا، ئۆز زىمىنىدىكى چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارلار كۆرۇلدى.

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭدا يېقىنقى سەككىز كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى بىرنەچچە بېمار بايقىلىۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 29 ‏ - چىسلاغىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، فۇجەن، خۇنەن، سەندوڭ، سىچۇەن قاتارلىق 8 ئۆلكە، شەھەردە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 21 گە يەتتى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت