چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمار سانى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 20 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمار سانى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 20 مىڭغا يەتتى. چوشقا زۇكامى تارقالغان دۆلەت سانى 60 كە يەتتى. بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 117 گە يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.03

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر چوشقا زۇكامى ئامېرىكىدىكى 50 شىتاتنىڭ ھەممىسىگە تارقالدى. ئامېرىكىدا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېماردىن 1000 ى كۆپەيدى، ئەنگىلىيىدە 155 ى كۆپەيدى. ئاۋسترالىيىدە ئېنىقلانغان بېمار سانى 501 گە يەتتى. خىتايدا 49 غا يەتتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.