شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ چوشقا زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ تارقىتىشىچە، 6 - سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە چوشقا زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلار 43 كە يەتكەن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەرنىڭ قاچان قايتا دەرس باشلايدىغانلىقىنى ئوقتۇرمىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا،ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بارلىق يول ئېغىز لىرىنى توسۇپ جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش بىلەن تەڭ، ئىچكى جەھەتتىن ئاممىغا ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئاز بولغاندا ئۈچ كۈنلۈك ئوزۇقلۇق ھەم سۇ تەييارلاپ قويۇشنى ئۇقتۇرغان. ئۈرۈمچىدە بارلىق دۇكانلار تاقالغان.
ئۇلۇق ئېرا گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، چوشقا زۇكامى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئۆلكىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا جىددىي تارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، باشقا ئۆلكىلەردىمۇ مەكتەپلەر چوشقا زۇكام سەۋەبلىك دەرس توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا چوشقا زۇكام ۋىروسى31 ئۆلكىنىڭ ھەممىسىگە تارالغان. ھەتتا ئۇيغۇر، تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. يۇقۇملانغانلار سانى 5592 گە يەتكەن.
ھالبۇكى بەزى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىشىنى، "1 - سېنتەبىر مەلۇم ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ ۋاكسىنىدىن كوللېكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دەپ گۇمانلانماقتا.