ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە تىبەت خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.08

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند بۇ سۆزلەرنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان،» دەپ تەنقىد قىلغانلىقى ھەققىدە توختالغاندا قىلغان.

ئۇ: بىز ھەر قېتىملىق يۇقىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئاساسەن ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى، كونكرېت تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، تىبەت خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ھەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە چاقىرىپ كەلدۇق، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001‏- يىلدىن كېيىن، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 9-10 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە ۋە چوڭ تىبەت پىلانىنى رەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىدە قۇتراتقۇلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ئۆزىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى دەرھال رەت قىلغان ئىدى.

ۋېكتورىيە نۇلاند يەنە: بىز خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق تىبەتلەرنىڭ ھېچقانداق قورقۇتۇشقا ئۇچرىماي ئۆز نارازىلىقىنى ئەركىن، ئاشكارا ۋە تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.