دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا تىبەت ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلەشتى

6-ئىيۇل كۈنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىلى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تىبەتلەرنىڭ دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىبەت پۇقرالىرى ئۆيلىرىدە يەنىلا دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مەخپىي خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىبەتلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تىبەتلەر رايونىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 6-ئىيۇل كۈنى دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تىبەتلەرنىڭ يىغىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى چەكلەنگەنلىكىنى، تىجارەتچىلەرنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن دۇكانلىرىنى تاقاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مەركىزى ھىندىستاندىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى جامباي مۇراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى ھەر يىلى 6-ئىيۇل دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان خاتىرە كۈنىدە تىبەت تىجارەتچىلىرى بىر كۈن تىجارەت توختىتىپ، لاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما بۇتخانىسىدا سەجدە قىلىش پائالىيىتى ھەم تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2000-يىلى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيىتىنى چەكلىگەندىن بۇيان، تىبەتلەر ئۆز ئۆيلىرىدە مەخپىي ھالدا بۇ خىل خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.