دالاي لاما: 'خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى دوزاخقا ئايلاندۇردى'

10 - مارت تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىغا 50 يىل بولغان خاتىرە كۈن، بۈگۈن دالاي لاما بۇ مۇناسىۋەت بىلەن،تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى جايلاشقان ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان 10 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىكلەرگە بايانات بېرىپ " 50 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقى ئۈستىدىن تەسۋىرلىگۈسىز باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ،تىبەتنى يەر شارىدىكى دوزاخقا ئايلاندۇردى، تىبەتتە خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلەر ئاز دېگەندە يۈز مىڭغا يېتىدۇ " دەپ خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-03-10
Share

نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ باياناتى خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلار ھەمدە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنى قاپلىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرى بۈگۈن جايلاردا تۈرلۈك خاتىرىلەش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنى بېسىۋالغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋام ئەتمەكتە.

بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىمۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماجاۋشۈ دالاي لامانىڭ باياناتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ۋە " دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن يالغان ياۋىداق سۆز تارقاتماقتا" دەپ ئەيىبلىگەن.

رويتېرس ۋە ب ب س ھەمدە فرانسىيە ئاگېنتلىقلىرىدا دالاي لامانىڭ بۈگۈنكى باياناتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، "دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ تىبەتتە قانلىق باستۇرۇشنى توختاتمىدى، تىبەت خىتاي بىلەن خوشنا،بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز قانۇنلۇق ھوقۇق، ھەقىقىي ئاپتونومىيە " دېگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەرنىڭ 50 يىلنى خاتىرىلىشى ياكى بىرەر ۋەقە تۇغدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن. شۇنداقلا ھەر قانداق چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت