دالاي لاما توردا خىتايدىكى تور ھەيرانلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.21
2010.05.21
مەزكۇر پائالىيەتنى بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋاڭ لىشيوڭ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سوئال-جاۋاب ۋاڭ لىشيوڭنىڭ twitter ئالاقە تورىدىكى سەھىپىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. سوئال - جاۋاب بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8:00 دىن 9:30 غىچە 90 مىنۇت داۋام قىلغان بولۇپ، 12 مىڭ كىشى توردا بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن دالاي لامانىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، 250 دەك سۇئال تەييارلىغان ئىدى.
دالاي لاما خىتاي توداشلىرىنىڭ 8 سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. Twitter خىتايدا چەكلەنگەن تور بەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدىكى "جۇڭگو دىجىتال دەۋرى" تورىنىڭ مەسئۇلى شياۋ چياڭ Twitter تورىدا سەھىپە ئاچقان خىتايلارنىڭ سانى 150 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭى خىتايدا ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ۋەقە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلار كابىنېتى چاقىرغان "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى" ئەمدىلا ئاخىرلاشقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.