دالاي لاما بىر قاتار نام - شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ياۋروپا سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ، يەكشەنبە كۈنى ئىتالىيىگە يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم دالاي لاما رىم شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "رىمنىڭ پەخرى پۇقراسى" دېگەن شەرەپ نامىغا ۋە "ۋېنىتسىيە شەھىرىنىڭ پەخرى پۇقراسى" دەپ ئاتالغان شەرەپ مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-02-08
Share

ئەسلىدە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر پەخرى ناملارنى ئۆتكەن يىلى بېرىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر مۇكاپات دالاي لاماغا تاپشۇرۇلماي قالغان ئىدى.
 
دالاي لامانىڭ بۇ قېتىم ياۋروپادىكى ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان تۆت كۈنلۈك زىيارىتى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان زىيارىتى، گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يىغىنى ھەمدە جەنۋەدە ب د ت ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلغان پەيتلەرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى دالاي لامانىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا مۇنداق يۇقىرى شەرەپ ناملىرىنى بېرىشىگە نارازىلىق ئىنكاسىنى قايتۇردى.

دالاي لاما بۇ قېتىم يەنە گېرمانىيىنى زىيارەت قىلماقچى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭ "گېرمانىيە مەتبۇئات مۇكاپاتى" غا سازاۋەر بولىدىغانلىقى مەلۇم.
 
دالاي لامانىڭ پائالىيىتى ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغان بولۇپ، خىتاي بۇ مەسىلىلەردە ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كارغا كەلمىگەن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تېخى يېقىندىلا گېرمانىيىنى زىيارەت قىلغاندا، گېرمان باش مىنىستىرى مېكېل خانىمنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم.

ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، دالاي لاماغا ئەڭ ئالىي ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ تىنچلىق بىلەن تىبەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت